پادىشاھنىڭ سالىمى

زاماننىڭ زامانىسىدا بىر دانىشمەن سەپەرگە چىقماقچى بولۇپ ، مڭ تىللانى بىر ئەتتارغا ئامانەت قويۇپ

كېتپتۇ. بىر قانچە ئايدىن كېين قايتىپ كېلىپ ئەتتاردىن مىڭ تىللانى سوراپتۇ، لىكىن ئامانەت ئالغۇچى

تېنىۋاپتۇ.ئۇنىڭ بىلەن دانىشمەن جدەللىشپ بوغۇشۇپ  قاپتۇ. ئادەملەر توپلىشىپ، دانىشمەنگە  نەسھەت  قىلىپ :

- بۇ ئادەم ئنتايىن ئنسابلىق ، ئەگەر سىزدىن مىڭ تىللا ئالغان بولسا، ھەرگىزمۇ تېنىۋالمىغان بولاتتى،- دېيىشىپتۇ. بەزىلەر :

- ئەگەر يەنە جېدەللەشسەك ،ئۆزۈڭ زىيان تارتىسەن ،- دەپ دانىشمەننى  قورقىتىپتۇ. دانىشمەن نائىلاجلىقتىن ئۆز ئەھۋالىنى يېىزىپ پادىشاھقا سۇنۇپتۇ. پادىشاھ ئەھۋالنى ئۇقۇپ :

-سىز ئۇنىڭ دۇكىنىنىڭ ئالدىدا ئۈچ كۈن ئولتۇرۇڭ، تۆتىنچى كۈنى مەن شۇ جايدىن ئۆتۈپ سىزگە

سالام قىلىمەن، سىز گەپ قىلماي ئولتۇرىۋېرىڭ . مەن ئۆتۈپ كەتكەندىن كىېين پۇللىرىڭىزنى تەلەپ

قىلىڭ، ئۇ نېمە دېسە ، دەرھال كىلىپ ماڭا خەۋەر قىلىڭ، -دەپتۇ.

دانىشمەن پادىشاھنىڭ دېگنى بويىچە ئامانەت ئالغۇچىنىڭ دۇكىنى ئالدىدا ئۈچ كۈن ئولتۇرغانىكەن ،تۆتىنچى كۈنى پادىشاھ ناھايتى ھەيۋەت بىلەن ئۆتۈپ كىېتىۋىتىپ دانىشمەننى كۆرۈپتۇ- دە،ئېتىنىڭ چۇلۋۇرىنى تارتىپ بۇرۇلۇپ دانىشمەنگە ھۆرمەت بىلەن سالام بىرىپتۇۋە:

-ئى بۇرادىرىم ، كەچ كىرگەندە مېنىڭ قېشىمغا بىرىڭ ،قانداق دەرد -ئەھۋالىڭىز بولسا ،ماڭا ئېيتىڭ ،- دەپ يولىغا راۋان بوپتۇ. دانىشمەن بىشىنى لىڭىشتىپ قويۇپلا جايىدا ئولتۇرىۋىېرىپتۇ. ئامانەتكار بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ قورقۇپ كېتىپ ، دانىشمەنگە:

-ئى تەقسىر ، ئۆتكەن ئىشلارنى ماڭا قايتىدىن سۆزلەپ بېرىڭ . ماڭا ئامانەتنى بەرگەندە كىم بار ئىدى ؟ قەيەردە بەرگەنىدىڭىز؟ ئېھتىمال ئۇنتۇپ قالغان بولۇشۇم مۇمكىن،-دەپ يىلىنىپتۇ. دانىشمەن  مىڭ تىللانى ئامانەت بېربش جەريانىنى سۆزلەپ بەرگەندىن كىين ،ئامانەت ئالغۇچى :

-سىز راسىت دەۋاتىسىز ،ئەمدى يادىمغا كەلدى، - دەپ دانىشمەنگە مىڭ تىللانى بېرىپ ،ئۈستىلەپ كۆپ ئەپۇ سوراپتۇ.

                                      يوللىغۇچى :سەنسىز

ئىلان چىكىپ بىز نى قوللاڭ ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت

kobullax
837 قېتىم كۆرۈلدى 2010-6-3 9:21:17  :يوللانغان ۋاقتى