ھاياتىڭىزدا ئۇچىرايدىغان 10خىل ئادەم

1. ئىشەنچىلىك دوسىتقا يولۇققاندا ،ئۇنىڭ بىلەن ئوبدان ئۆتۈڭ چۈنكى ، ئىنسانغا ھاياتىدا بۇنداق كىشىلەر ئۇچىراۋەرمەيدۇ.

2. ئۆزىڭىز ھەققىي ياخشى كۆرىدىغان كىشىگە يولۇققاندا ئۇنىڭ بىلەن ئۆمۈرلۈك ھەمراھ بولۇش

پۇرسىتىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈڭ ، چۈنكى ئۇنى قولدىن چىقرىپ قويسىڭىزلا ھەر قانداق قىلىپمۇ ولغا كەلتۈرەلمەيسىز.

3. ئىسىل زادىلەرگە يولۇققاندا ئۇنىڭ سىزنى مىننەتتار قىلغان تەرەپلىرىنى ئىسىڭزدە چىڭ تۇتۇڭ، چۈنكى ئۇ سىزنىڭ ھاياتىڭىزدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىڭىز .

4.ئىلگىرى سىزنى ياخشى كۆرگەن ئادەم بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇنىڭدىن مىننەتتار بولۇشنى ئۇنتۇماڭ،چۈنكى سىزگە ئۇ تۇنجى بولۇپ مۇھەببەتنى بىلدۈرگەن.

5. ئىلگرى سىزگە ساتقىنلىق قىلغان كىشىگە يولۇققاندا  ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ سالام قىلىڭ ،

چۈنىكى ئۇ بولمىغان بولسا سىز بۈگۈنىكى دۇنيانى چۈنمىگەن بولاتتىڭىز.

6.ئىلگىرى نەپرىتىڭىزنى قوزغىغان كىشىگە يولۇققاندا ئۇنڭ بىلەن ئوبدان ئۆتۈڭ چۈنىكى ئۇ سىزنى تىخمۇ قەيسەر قىلغان .

7. سىزنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشىڭزدىن ئالدىراپ ئايرىلغان كىشىگە يولۇققاندا ئۇنىڭ شۇنداق

قىلغانلىقىغا رەھمەت ئيتىڭ.چۈنىكى ئۇ سىزنىڭ ئىسل ئەسلىمىلىرىڭىزنىڭ بىر قىسمى.

8.ئىلگرى ئاراڭلاردا ئۇقۇشماسلىق بولغان كىشىگە يولۇققاندا ئۇقۇشماسلىقلارنى چۈشەندۈرۈڭ، چۈنىكى بۇنداق چۈشەندۈرۈش پۇرسىتى سىزگە پەقەت بىرلا قىتىم كىلىش مۇمكىن.

9. ئىلگرى ئۆزىڭىز يوشۇرۇن ياخشى كۆرگەن كىشىگە يولۇققاندا ئۇنىڭغا بەخىت تىلەڭ،چۈنكى سىز ئۇنى ياخشى كۆرگەن ۋاقىتتا ئۇنىڭ بەخىتلىك بولۇشىنى ئۈمد قىللاتتىڭزغۇ؟

10.سىزگە ئۆمۈرلۈك  ھەمراھ بولۇۋاتقان كىشىگە يولۇققاندا ئۇنڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا يۈزدە - يۈز رەھمەت ئېيتىڭ . چۈنىكى سىلەر ھازىر بەخىتكە ، ھەققىي مۇھەببەتكە  ئىرىشتىڭلار ئەمەسمۇ 

 

 

 

يوللىغۇچى :سەنسىز

ئىلان چىكىپ بىز نى قوللاڭ ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت

2478 قېتىم كۆرۈلدى 2010-6-3 9:23:42  :يوللانغان ۋاقتى