دولان رىۋايىتى 2

2

دولانلار <<بىزنىڭ ئاتا بوۋللىرمىز دەرۋىتتىن چىققان>>دەپ رىۋايەت قىلىشىدۇ.

رىۋايەت قىلنىشچە قەدىمكى زامانلاردا شىمالدا ياشايدىغان<<دولۇن>>دەيدىغان بىر كۆچمەن قەبىلە بولغانكەن. ئۇلار جەنۇپقا كۆچكەندە،بىر بۆلىكى بەدەشخاننىڭ بىر چىتىگە كىلىپ ئولتۇراقلىشىپتۇ.ئۇلار شۇ يەردە ئىسلام دىننى قوبۇل قىلىپ،نۇسۇلمان بوپتۇ.ئۇلار ئۆزلىرى ئىگىللىگەن يەرگە ئوب تۈپ سۆگەت تىكىپتۇ.بۇنى كۆئافغانلار ئۇلارنى<<دەرۋىتلىكلە>>دەپ ئاتاپتۇ.

شۇنىڭدىن بۇيان بۇ جاي <<ئون تۈپ سۆگەتلىكلەر>>دەپ ئاتلىپ قاپتۇ.ئۇلاردىن ئۈچ كىشى ئىسلام دىننى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن دەسلەپ قەشقەرگە كەپتۇ.قەشقەرنى ئىسلامغا كىرگۈزگەندىن كىيىن كۇچا غا كەپتۇ.بۇ يەردە قالماق دەپ ئاتالغان كۇپپارلار ياشايدىكەن.سۆگەتلىكلەر ئۇلارنى ئىمانغا كىرگۈزگەندىن كىيىن،كۇھچارنىڭ تۈۋەن تەرپىدىكى قۇملۇق يېنىغا جايلاشقان چوڭ بىر شەھەرگە كىلىپ ،ئۇ يەردىكى كۇپپارلارغا ئىسلام دىننى تەشۋىق قىپتۇ.بۇ شەھەردىكى خەلىقلەر ئۇلارغا ئىشەنمەي:<<ئەگەر سۆزۈڭلار راسىت بولسا بىزگە بىر دۇئا قىلىڭلار،دۇئايىڭلارنىڭ خاسىيتىدىن شەھرىمىزپۈتۈنلەي ئالتۇن بولۇپ كەتسۇن،شۇ چاغدىلا سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا ئىشىنمىز>>دەپتۇ.

سۆگەتلىكلەر قول كۈتۈرۈپ دۇئا قىلشىپتۇ،كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە پۈتۈن شەھەر ئالتۇندىن بوپ كىتىپتۇ،لىكىن ئۇ شەھەردىكى بۇت پەرەسلەر ئۆز ئىتقاتىدىن پەقەت يانماپتۇ.سۆگەتلىكلەر:<<بۈگۈن ئاخشام بىز يەنە دۇئا قىلىمىز،ئۇ چاغدا شەھرىڭلارغا قۇم ياغىدۇ.شۇنىڭغىچە ئىمان ئېيىتمايدىغان بولساڭلار،ھەممىڭلار قۇم ئاستىدا قېلىپ ھالەك بولىسلەر>>دەپتۇ.بۇنى ئاڭلاپ ئون تۆت ئادەم ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بوپتۇ،قالغانلىرى بىر كىچىدىلا قۇمنىڭ ئاستىدا قېلىپ ھالەك بوپتۇ.مۇسۇلمان بولغان ئون تۆت كىشى بۇيەردىن ئايرىلىپ ،تارىم دەرياسىنى بويلاپ مېڭىپ ھەر بىرى بىردىن شەھەر قۇرۇپتۇ .ھازىرقى دولانلىقلار ئەشۇ ئون تۆت كىشىنىڭ ئەۋلادىكەن.

--------------------------------------------------------------

كۆك ياللىق بۆرە كىتابىدىن ئېلىندى ..!

                                                                       يوللىغۇچى :سەنسىز

ئىلان چىكىپ بىز نى قوللاڭ ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت

347 قېتىم كۆرۈلدى 2010-6-3 9:27:43  :يوللانغان ۋاقتى