|
3
<<دولان>>دىگەن سۆز مۇڭغۇلچە <<يەتتە>>دىگەن سۆزدىن كىلىپ چىققان.مۇڭغۇللار قەدىمكى دۇنيادا مەكىتلىكلەرنى<<يەتمىش ئىككىمىڭ ياغاچ ئۆيلۈك دولان>>دەپ ئاتاشقانكەن.
دولانلار دەسلەپرە گەمە ئۆيدە ياشىغان بولۇپ ،بىرقانچە كىچىك بەگلىكلەرگە بۆلۈنگەن.ئۇلارنىڭ ئەمەت بەگ،سىيىت بەگ،ئەمتەم بەگ،ئەزىز بەگ،ئەزىزبەگ،ئامان بەگ،يامان بەگ،زامان بەگ دگەن يەتتە بىگى بولغان كەن.ئۇلار داۋاملىق يىرىتقۇچ ياۋايى ھايۋانلار ۋە مانجۇلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىراپ تۇرغانلىقتىن،باياۋانلاردا كۆچۈپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولغانكەن.
سائادەت بەگ زامانىسىغا كەلگەندە،بۇبەگلەر دولانلىقلارنى يىغىپ،<<لەمپەدۆڭ>>ۋە<<قارلىغاچ دۆڭ>>دىگەن ئىككى يۇرىتنى تەشكىللەپتۇ. سائادەت بەگ سائادەتبەگ مانجۇ خانلىقىغا بېرىپ بەگلىك دەۋاسى قىلغانمىش،مانجۇ خانى ئۇنىڭغا ھىيە ئىشىلتىپ بىر ياغاچ تامغىنى تۇتقۇزۇپ:<<سەن ياغاچ ئۆيلۈك دولانلىقلارنىڭ بىگى بول دەپتۇ>>دەپتۇ.شۇنىڭ بىلەن سائادەت بەگ دولانلىقلارغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ،دولانلىقلارنىڭ مەركىزى دەپ ئاتالغان<<لەمپەدۆڭ>>بىلەن <<قارلىغاچدۆڭ>>نى لايدىن قوپۇرۇپ شەھەر قىپتۇ.سائادەت بەگ يەكەن دەرياسىنىڭ دەرياسىنىڭ نېرقى قىغىقىدىكى لەمپەدۆڭدە تۇرۇپتۇ.يەكەن دەرياسىنىڭ بۇ قېتىدىكى قارلىغاچدۆڭدە مامۇر پالسا(پالۋان)نىڭ قارلىغاچخان ئىسىملىك بىر ئايالى بولۇپ ،ئىنتايىن گۈزەل ئىكەن.ئۇ ناخشا ئۇسۇلدا تەڭدىشى يوق ،قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان باتۇر ئايال ئىكەن.سائادەتبەگ قارلىغاچدۆڭگە كەلگەندە ،قارلىغاچخان ئۇنىڭغا ئۇسۇل ئويناپ بىردىكەن ۋە ئەقىل كۆرسىتىدىكەن.
شۇڭا،قارلىغاچخاننى سائادەتبەگ ئۆزىگە ياردەمچى قىلىۋاپتۇ.قارلىغاچ دۆڭ ئاشۇ قارلىغاچخاننىڭ نامىنى كۆرسىتىدىكەن .سائادەتبەگ بىلەن قارلىغاچخان بىر-بىرنى داۋاملىق كۆرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن لەمپەدۆڭ بىلەن قارلىغاچدۆڭگە ئىككى راۋاق سالدۇرۇپتۇ.ئۇلار ئىككى دۆڭلۈكتە نۆۋەتلىشىپ داۋاملىق مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ تۇردىكەن.بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئاپپاق غۇجا ئۇلارنى <<شىرىئەتتىن چىقتى>>دەپ ئەيىبلەپ،لەشكەر تارتىپ كەپتۇ،لىكىن ئۇلار سائادەت بەگ كە كۈچى يەتمەي،ئۆزلىرى مەغلۇپ بولۇپ قايتىپتۇ.ئاخرى ئاپپاق غوجا نۇرغۇن سوۋغا سالاملار بىلەن چىيەنلۇڭ خاندىن ياردەم سوراپتۇ،ھەمدە قىزىنى چىيەنلۇڭ خانغا ئىنئام قىپتۇ.بۇنىڭ بەدىلىگە چىيەنلۇڭ خان ئاپپاق غوجىغا لەشكىرى جەھەتتىن زور ياردەم قىپتۇ.نەتىجىدە،ئاپپاق غوجىنىڭ لەشكەرلىرى چىيەنلۇڭ خاننىڭ لەشلەرلىرى بىلەن بىرلىشىپ دولانلارنىڭ ئۈستىگە باستۇرۇپ كەپتۇۋەئۇلارنىڭ يۇرىتلىرنى ۋەيران قىپتۇ.بۇ قىرغىنچىلىقتىن ئامان قالغان دولانلار يۇرىتلىرنى تاشلاپ تەرەپ-تەرەپكە قېچىپ كىتىپتۇ.ئاپپاق غۇجا لەشكەرلىرى بىلەن سائادەت بەگ قارلىغاچلىقلارنىڭ ئوتتۇرسىدا ئۇزاققىچە قاتتىق جەڭ بوپتۇ.ھازىرقى <<سەردارلاگۈمبىزى>>دەپ ئاتالغان جاي ئاشۇ جەڭدە شىھىت بولغانلارنىڭ قەبرىستانلىقى ئىكەن.بەزىلەر ئۇنى<<ئاق موللاگۈمبىزى>> دەپمۇ ئاتايدىكەن.!
----------------------------------------------------------
كۆك ياللىق بۆرە كىتابىدىن ئېلىندى ..!
يوللىغۇچى :سەنسىز
ئىلان چىكىپ بىز نى قوللاڭ ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت |