|
4
چىيەنلۇڭخان زامانىسىدا دولانلىقلار مانجۇلارغا بوي سۇنماي،ئۇزاققىچە ئۇلارغا قارشى جەڭ قىپتۇ.دولانلار ئۆز يۇرىتلىرنى مانجۇلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بىر كالىنىڭ تىرىسىدە يوغان بىر پاي ئۆتۈك تىكىپ ئىچىگە قۇم قاچىلاپتۇ .ئۇنىڭغا <<ئالتە ياشلىق دولاننىڭ كىيدىغان ئۆتىكى>> دىگەن ئىەتنى چاپلاپ دولان چىگىرسىغا ئېسىپ قويۇپتۇ.بۇنى كۆرگەن مانجۇلار <<ئالتە ياشلىق بالىنىڭ ئۆتىكى مۇشۇ بولسا چوڭلىرنىڭ قانچىلىك تۇ>>دەپ قورقۇشۇپ،دولانلىقلارغا چېقىلىشقا جۈرئەت قىلالماپتۇ.شۇنداقتىمۇ ئۇلار بۇ ئىشتىن گۇمانلىنىپ بىر مانجۇنى سېتىقچى قىياپىتىدە ياساپ،تارغاق،سۈزگۈچ،يىپ-يىڭنە بىلەن دولان يۇرتىغا كىرگۈزۈپتۇ.ئۇ قارغۇدەك بولسا،دولان يۇرتىدا بۇنداق يوغان ئۆتۈك كىيدىغان ئادەم ئۇچراتماپتۇ،<<سېتىقچى>>قايتىپ كىتىپ،مانجۇ خانىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىپتۇ.دولانلارنىڭ ھىلىسىگە ئالدىنىپ قالغان مانجۇ خانى قايتا لەشكەر تارتىپ،دولان يۇرتىغا بېسىپ كىرىپتۇ.دولالىقلارمۇ ئۇزاققىچە تىز پۈكمەي،مانجۇلار بىلەن قاتتىق ئېلىشىپتۇ.ئاخىرى يۇرىتلىرى ۋەيران بولغان دولانلار تەرەپ -تەرەپكە قېچىشقا مەجبۇر بوپتۇ.ئۇلار يۇرتىدىن ئايرىلىش ۋاقتىدا ھەتتا ئۆز يۇرىتلىرنىڭ پاشىللىرنىمۇ قوشاققا قېتىپ ناخشا ئېيتىپ ماڭغانكەن:
ئەل بۇيەرنى چۆل دەيدۇ،
چۆل ئەمەس گۈلزار ئىدى.
توغرىقى ئالماغا ئوخشاش،
يۇلغىنى مازار ئىدى.
چارۋىمىزغا يايلاق ئىدى،
باللىرمىزغا بازار ئىدى.
تومشۇقلىرى بىگىزدەك،
قاناتلىرى كىگىزدەك،
پاشىلىرمىز ئايرىلىپ
قالدى بىزدىن يىراقتا.
دولانلار تارقالغان يۇرىتلار مارالبېشى دولان،ئاۋات دولان،مەكىت دولان،ئاقسۇ قارا تاغ دولان،شايالوشىمەن،شىنچىمەن،ئاقئېرىق،ئىچىئېرىق دولان،لوپنۇر دولاندەپ ئاتالغانكەن.بۇ يۇرىتلار ھازىرمۇ شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.!
----------------------------------------------------------
كۆك ياللىق بۆرە كاتابىدىن ئېلىندى ..!
يوللىغۇچى :سەنسىز
ئىلان چىكىپ بىز نى قوللاڭ ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت |