تۇمارىس رىۋايىتى

 كاسپىي دىڭزىنىڭ كۈنچىقىش تەرپىدە قۇش ئۇچۇپ ئۈتەلمەيدىغان بىپايان چۆل ۋە قىر لار دا ماساغىتلار ياشايدىكەن .

ئىران پادىشاھى كەيخسىر ەۋ ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى بىسىۋالماقچى بولۇپ سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ ....

  ئۇ زامانلاردا ماساغىتلارغا تۇمارىس دىگەن ئەقىللق،دانا،بىرئايال باش بولۇپ تۇرغان ئىكەن .

كەيخسىر ەۋ تۇمارىسنى ھىلە بىلەن ئۆزىگە  بوي سۇندۇرماقچى بولۇپتۇ .ئۇ تۇمارىسنىڭ ئىرىنىڭ

ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىكەن ،ئۇنى ئۆزىگە خوتۇن قىلىپ  ئىلىش يولى بىلەن ماساغىتلار يىرىگە ئىگە بولۇش پىلانىنى تۈزۈپتۇ .شۇ مەقسەتتە ئۇ تۇمارىسقا سوغىلار بىلەن ئەلچىلەر ئەۋەتىپتۇ .زىرەك تۇمارىس مەككار پادىشاھنىڭ قارانىيتىنى سىزىپتۇ .پاتىشاھقا خوتۇن ئەمەس، بەلكى ماساغىتلارنىڭ يۇرتى كىرەكلىكىنى بايقاپتۇ ۋە ئەلچىلەرنى قوبۇل قىلماپتۇ .كەيخسىر ەۋ ھىلە نەيرەڭدىن ئىش چىقمىغانلىقىنى كۆرۈپ،ئەسلى مەقسىتىنى ئوچۇق ئىيتىپتۇ .ئارساڭ ەرياسى تەرەپكە يۈرۈش قىپتۇ .ئۇ كۆپلىگەن سال-كىمە ياسىتىپ ،بىھىساپ قوشۇنى ۋە قۇرال-ياراقلىرىنى ئۇنىڭغا قاچىلاپ ،دەريانىڭ نەرقى قىرغىقىغا ئۆتۈش چارىسىنى قىلىپتۇ .

تۇمارىس ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرىىن خەۋەردار ئىكەن ،تىزلىك بىلەن ئۇنىڭغا چاپارمەن ئەۋەتىپ شۇسۆزلەرنى يەتكۈزۈپتۇ:

-ھەي ھىلىگەر،ماختانچاق پادىشاھ ! بۇ نىيتىڭدىن قايىت چۈنكى بۇقىلۋاتقان   ئىشلىرىدىن ئۆزۈڭگە پايدا ياكى زەرەر تىگىشىنى بىلمەيسەن .تىنىچ ۋە ئاسايىشلىق بىلەن ئۆز يۇرتۇڭغا ھۆكۈمرانلىق قىل ،بىزنىڭ يۇرتىمىزنى ئۆزىمىزگە قويۇپ بەر .ئەمما ،بىز بىلىمىزكى ،سەن تىنىچلىقنى خالىمايسەن ،شۇسەۋەپلىك بۇمەسلەھەتىمىزگە كىرمىسەڭ ،ماساغىتلار بىلەن توقۇنۇشنى خالىساڭ ،كۆرۈك ياسايمەن دەپ ئاۋارە بولۇپ ئولتۇرما .بىزگە ئىيىتساڭ ،بىز ساڭا دەخلە قىلماي دەريادىن ئۈچ كۈنلۈك يىراق يولغا كۆچۈپ كىتىمىز ،بىمالال دەريادىن ئۆتىسەن ،ئۇنىڭدىن كىيىن يۈزمۇيۈز ئۇرشىمىز .ئەگەر بىز بىلەن دەريانىڭ ئۆزۈڭ تۇرغان تەرپىدە ئۇرۇشماقچى بولساڭ ،ئۇنى ئىيىت بۇنىڭغا ھەم بىز رازى ،پەقەت نامەرىتلىك قىلما

بۇدادىل گەپلەرنى ئاڭلاپ كەيخسىر ەۋ ساراسىمگە چۈشۈپتۇ ،مەخپىي سۈرەتتە ئۆز سەركەردىللىرىنى توپلاپتۇ،ئۇلارنى ۋەقەدىن خەۋەردار قىلىپ مەسلەھەت سوراپتۇ ،كۈپچىلىك تۇمارىسنى ئىرانغا كەلتۈرۈپ جەڭ قىلىش پىكرىگە كەپتۇ .....پەقەت قەھرى قاتتىق ۋەزىرى -لىدىيلىك كىرىز بۇ پىكىرگە قارشى چىقىپتۇ ، تۇمارىسنىڭ ئىلىدە ئۇرۇش قلشنى  تەلەپ قىلىپ مەسلەھەت كۆرسىتىپتۇ .

شۇنىڭدىن كىين كەيخسىر ەۋ تۇمارىسنىڭ قىرغاقتىن ئۇزاقلىىشنى سوراپ،دەريانىڭ تۇمارىس تۇرغان تەرپىدە ئۇرۇش قىلىشنى بىلدۈرۈپتۇ . تۇمارىس ۋەدىسىدە تۇرۇپ ،ئۈچ كۈنلۈنك يول بىسىپ نىرى كىتىپتۇ .كەيخسىر ەۋ ئۆز قوشۇنى بىلەن دەريادىن ئۆتۈپتۇ .

كەيخسىر ەۋ دەريانىڭ شۇ تەرپىدە سەككىز كۈن يول يۇرۇپتۇ .كىين ۋەزىرى كىرىزنىڭ  مەسلىھەتى بلەن ماساغىتلار غا قارشى ھىلە توزىقىنى قۇرۇپتۇ : نازۇ نىممەت ۋە ئىچكۈلۈكلەرنى تەييارلاپ ،ئەڭ يامان لەشكەرلىرىدىن بىرتوپنى ئارقىدا قالدۇرۇپ ،ئەڭ ياخشى لەشكەرلىرى بىلەن ئالدىغا يۇرۇپ كىتىپتۇ .ماساغىتلار قوشۇنىنىڭ بىر توپى  <ئۈچتەن بىر قىسنى >كەيخسىر ەۋ قالدۇرۇپ كەتكەن لەشكەرلىرىگە ھوجۇم قىلىپ ئۇلارنى قىرىپ تاشلاپتۇ .كىيىن ماساغىتلار زىياپەت ئۈستىن چىقىپ ،تەييار نازۇ نىممەت ۋە شاراپلاردىن بىشىنى كۆتۈرمەپتۇ .شۇندا ئىران قوشۇنلىرى قايتىپ كىلىپ ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمنى .ئۆلتۈرۈپتۇ  ،بەزىللىرىنى ئەسىر قىلىۋاپتۇ ئەسىرلەر ئىچىدە،ماساغىتلار قوشونىغا باش بولۇپ كەلگەن تۇمارىسنىڭ ئوغلى سىپارگانزى مۇ بار ئىكەن .

تۇمارىس بۇۋەقەدىن خەۋەردار بولۇپ ،كەيخسىر ەۋ گە چاپارمەن ئەۋەتىپتۇ ھەمدە شۇسۆزلەرنى ئىيتىپتۇ :

-ئەي قانخور كەيخسىر ەۋ ! قىلغان ئىشىڭ بىلەن ماختانماي قوي .سەن منىڭ ئوغلۇمنى يۈزمۇيۈز جەڭدە يەڭگىنىڭ يوق ،ئۇنى مەككارلىق بىلەن شاراپ ئىچكزۈپ قولغا چۈشۈردۈڭ ئۈزۈمدىن ياسالغان بۇ يار ماس ئىچىملىكنى ئىچكەندىن كىيىن سىلەرگە ئوخشاش ئادەملەرنىڭ مىڭىسى ئايلىنىپ، ئاغزىدىن شادىي كىرىپ، بادىي چىقىدۇ . ئەمدى مىنىڭ مەسلەھەتىگە كىر :ئوغلۇمنى ماڭا تاپشۇرۇپ،زىيان زەخمەتسىز كەلگەن يىرىڭگە قايتىپ كەت .ماساغىت قوشۇنىنڭ ئۈچ تىن بىرىنى قولغا چۈشۈرگىنىڭ بىلەن ئۆزڭچە كىرىلىپ كەتمە .ئەگەر سۆزۈمگە كىرمىسەڭ ، ماساغىتلار تەڭرىسى قوياش نامى بىلەن قەسەميات قىلىمەنكى ، مەن سەندەك ئاچكۆز قانخورنى قان بىلەن سوغرىمەن !

كەيخسىر ەۋ ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىگە قىلچە ئىتىبار قىلماپتۇ . تۇمارىسنىڭ ئوغلى ياش سىپارگانىس شۇكۈننىڭ ئەتىس ھوشىغا كىلىپ، ھەممە ۋەقەلەردىن خەۋەردار بولۇپتۇ ، كىشەندىن بوشىتشنى  كەيخسىر ەۋ دىن يالۋۇرۇپ سوراپتۇ ، تەلپى بەجا كەلتۈرلۈپ ،قول -ئايىغى كىشەندىن ئازات قىلىنىپتۇ . ئەمما، ئۆزى قىلغان خاتاسىغا پۇشايمان يەپ ، نۇمۇس كۈچىدىن ئۆزىنى ئۆزى ئۆلتۈرۈپتۇ .

تۇمارىس كەيخسىر ەۋ گە نەسھەتلەر كار قىلمىغانلىقىنى ئاڭلاپتۇ ، بارلىق كۈچلەرنى توپلاپ ئاتلىنىپ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بىسىپ بىرىپتۇ ، جەڭ باشلىنىپتۇ .

ئىيتىشلارغا قارىغاندا كۆچمەنچى ئۇرۇقلار شۇنىڭغىچە مۇنداق قاتتىق جەڭنى زادى كۆرمىگەن ئىكەن  . دەسلەپ ھەر ئىككى تەرەپ قوشۇنى بىر-بىرىگە ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل تۇرۇپ يا لىرىدىن تىنماي ئوق ياغدۇرۇپتۇ ،كىيىن ئوقدانلاردا ئو ق تامام بولۇپ ، لەشكەرلەر بىر-بىرى بىلەن ئارلىشىپ كىتىپتۇ . نەيزە ۋازلىق ۋە قىلىچۋازلق تازا قىززىپتۇ .جەڭ ئىنتايىن ئۇزاق داۋام قىلغان بولسىمۇ ،ھىچكىم جەڭ مەيدانىنى تاشلاپ چىقپ كەتمەپتۇ . ئەڭ ئاخرقى جەڭدە ماساغىتلار يىڭىپ چىقىپتۇ ،ئۇلار ئىران قوشۇنىنڭ كۆپىنى قىرىپ تاشلاپتۇ .بىرىكەم ئوتتۇز يىل پاتىشاھلىق تەختىدە دەۋىر سۈەن كەيخسىر ەۋ نى ئۆلتۈرشۇپتۇ .

تۇمارىس جەڭ تۈگىگەن دىن كىيىن يوغان قاچىنى قان بىلەن تولدۇرۇشنى ،كەيخسىر ەۋ نىڭ موردىسىنى ئۆلۈكلەر ئارىسىدىن تىپىپ كىلىشنى بۇيريپتۇ . كەيخسىر ەۋ نىڭ ئۆلىكىنى تىپىپ كەلگەندىن كىيىن تۇمارىس ئۇنىڭ بىشىنى قان بىلەن تولغان قاچىغا پاتۇرغان ۋە بۇجەسەتكە قاراپ غەزەپ-نەپرەت بىلەن شۇ سۆزلەرنى ئىيىتقان ئىكەن :<<ئەي نامەرىت -! سەن مىنى يەنى سىنى جەڭدە ھالال يىڭىپ چىققان بىر ئايالنى مەككارلىق بىلەن ئوغلىدىن جۇدا قىلىپ ،پەرزەنىت داغىدا كۆيدۈردۈڭ. سەن ئۆمۈرۈڭ بويى قانغا تويمىدىڭ ،مەن ئىچكەن قەسىمىمگە .ئەمەل قىلىىپ سىنى قان بىلەن سۇغاردىم ،بىراۋنىڭ يۇرتىغا باستۇرۇپ كىرگەنلەرنىڭ جاججىسى شۇ !>>

كەيخسىر ەۋ نىڭ ئۆلىمىنڭ قىسسىسى ئەنە شۇنداق ئىكەن ................!

----------------------------------------

كۆك ياللىق بۆرە كىتابىدىن ئېلىندى ..!

                                                                       يوللىغۇچى :سەنسىز

ئىلان چىكىپ بىز نى قوللاڭ ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت

تۇمارىس رىۋايىتى

kobullax
791 قېتىم كۆرۈلدى 2010-6-6 12:29:25  :يوللانغان ۋاقتى