
|
بۇرنىسىدا ئۇدۇن زىمىنى ئادەمزات يو ق چۆل بولۇپ ، بۇيەردە پەقەت ئەرىش ئىلاھى ۋايساراۋانالا تۇرىدىكەن . ھىندى پاداشاھى ئاسوكانىڭ شاھزادىسنىڭ بىر ئۆگەي ئانىسى بولۇپ ، ئۇناھايتى شەھرەت پەرەس ئىكەن . ئۇ شاھ زادىنىڭ ئىنتايىن چىرايلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۇپ ، ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلىش خيالىغا كەپتۇ ، .ئەمما شاھزادە دۇرۇس يگىت بولغاچقا ئۇنىڭ تەلپىنى رەپ قپتۇ . ئۆگەي ئانىسى ئىزادىن غەزىپلىنىپ ھىلە ئىشىلىتىپ ، شاھ زادىنى تاكساسلا دۆلتىگە سۈرگۈن قىپتۇ . ئۇزۇن ئۆتمەي ،يالغاندىن شاھى پەرمان چۈشۈرۈپ ،شاھزادىنڭ ئىككى كۆزىنى ئويدۇرۋىتپتۇ . ئاسۇكا خان بۇئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن قاتتىق غەزەپلىنىپ .شاھ زادىنى قوغدايدىغان يا ردەمچى ۋەزىر ،ياردەمچى ئەمەلدارنى ۋە ئۇلارنىڭ پۇتۇن ئائىلە تاۋاباتلىرىنى قوشۇپ ھىندى قۇش تىغىنىڭ شىمالىدىكى قاقاس جىلغىغا سۈرگۈن قىلۋىتىپتۇ .بۇئادەملەر ياخشىراق تۇرالغۇ جاي ئىزدەپ ،سۇ ۋە ئوتلاق بويلاپ ، تەدرىجىي ھالدا ئۇدۇننىڭ غەربىي چىگرىسىغا كىلىپ قاپتۇ . ئۇلار ئۆز قوۋمىنىڭ ئاقساقلىنى خان قىلىپ سايلاپ ، مۇشۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قاپتۇ . دەل مۇشۇ چاغدا ، شەرىقتىكى بىر ئەلنىڭ شاھ زادىسىمۇ گۇناھكار بولۇپ قاپ ، ئۇدۇننىڭ شەرقى چىگرىسىغا پا لىنىپتۇ . ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەر ئۇنى خان قىلىپ تىكلەپتۇ . نۇرغۇن يىللار ئۆتكەن بولسىمۇ . ئىككى تەرەپ بىر-بىرى بىلەن ئۇچراشماي كەپتۇ . بىر قىتىم ئوۋ قىلۋىتىپ ، ئىككى تەرەپ چۆلدىكى سازلىقتا ئۇچۇرشىپ قاپتۇ - دە ، بىر-بىر نىڭ نەدىن كەلگەن لىكىنى تىڭ تىڭلاپ ، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنى بۇ جاينىڭ خوجايىنى دەپ تالاش -تارتىپ قىپتۇ ، ھەتتا قۇرال ئىشلەتمەكچى بولىشىپتۇ . ئارىدىن بىرەيلەن چىقىپ نەسھەت قىلىپ : <<نىمىگە ئالدىرايسىلەر ،ئوۋ قىلدىغانلار تۇتۇشسا ، قوشۇننىڭ كۈچ - قۇدرىتىنى كۆرسىتەلمەيدۇ . ھەر ئىككى تەرەپ قايتىپ كىتىپ ، ئۆز قوشۇننى راسلاپ ، ۋاقتىنى كىلشىۋىلىپ كىلىپ ئۇرشايلى >>دەپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز جايىغا قايتىپ ، قوشۇننى مەشىق قىلدۇرۇپتۇ ۋە جەڭگە ئىلھاملاندۇرۇپتۇ . ۋەدىلەشكەن ۋاقىت يىتىپ كەلگەندە ئىككى تەرەپ تۇتۇشۇپتۇ.غەرىپتىن كەلگەنلەر مەغلۇپ بولۇپ،خانى ئۆلتۈرلۈپتۇ.شەرىقتىن كەلگەنلەرنىڭ خانى غەلبىدىن پايدىلنىپ،تىرە-پىرە بولۇپ كەتكەن خەلىقنى ئۆزىگە ئەل قىلىپ ،پايتەخىتنى ئۇدۇننىڭ ئوتتۇرسىغا كۈچۈرۈپ،سىپىل سوقۇشقا تەرەددۇت قىپتۇ.خان سېپىل سوقۇشقا مۇۋاپىق كىلىدىغان تۈزۈكرەك سېغىز توپا يوقلىقىدىن غەم قىلىپ،تەرەپ تەرەپكە ئىلان چاپلاپ، بۇجاينىڭ يەر تۈزلۈش ئالاھىدلىكىنى ئۇقماقچى بوپتۇ،بۇ چاغدا يۈز-يۈزىگە قارا سۈرتىۋالغان غەيرى دىندىكى بىر كىشى لىق سۇ قاچىلانغان بىر قاپاقنى يۈدۈپ خاننىڭ ئالدىغا كەپتۇۋە ئۇنىڭغا:<<بۇ جاينىڭ يەر تۈزلىشىنى مەن بىلىمەن>>دەپتۇ-دە ،قاپاقتىكى سۇنى يەرگە تۆكۈپتۇ.سۇ ئەگرى-بۈگرى ئېقىپ،بىر چەمبەر ھاسىل قىلىپ ئايلىنىپ ئېقىۋىرىپتۇ.بۇچاغدا ھېلىقى كىشى يوقاپ كىتىپتۇ،ئۇنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىنى ھىچكىم بىلمەپتۇ،كىشىلەر سۇنىڭ ئىزىنى بويلاپ سېپىلغا ئۇل سېلىپتۇ ۋە مۇشۇ ئاساستا ئاخىر شەھەرنى سېپىل پۈتتۈرۈپتۇ.ئۇدۇن دۆلىتىنىڭ پايتەختى مۇشۇنداق بىنا بوپتۇ. شەرىقتىن كەلگەن ھېلىقى شاھزادە ئىككى تەرەپنىڭ خەلقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ،پايتەخىت بىنا قىلىپ،دۆلەت قۇرۇپتۇۋەخەلىقنى خاتىرجەم قىپتۇ.خان ئۆمرىنىڭ ئاخىرغا بارغاندىمۇ پەرزەنىت كۆرمەپتۇ.ئۇ نەسلى ئۈزلۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن بۇ دۆلەتنىڭ ھامي ئىلاھى ۋايساراۋانا ئىبادەتخانىسىغا بېرىپ،دۇا -تىلاۋەت قىلىپ،پەرزەنىت تىلەپتۇ.خاننىڭ دۇئا تىلاۋىتى دەرۋەقە ۋايساراۋانانى تەسىرلەندۈرۈپتۇ،ۋايساراۋانانىڭ پىشانىسى يېرلىپ،ئۇنىڭدىن بىر سىمىز ئوغۇل سەكرەپ چۈشۈپتۇ.خان ئىلاھ ئاتا قىلغان بۇ بالىنى كۈتۈرۈپ ئوردىغا قايتىپ كەپتۇ.ئەلدىكى خەلىق كىلىپ قۇتلۇقلاپتۇ.بۇبالىنىڭ ئادەم سۈتى ئەممەيدىغانلىقىنى كىم بىلسۇن،خان بالىنىڭ ئەي بولماسلىقىدىن ئەنسىرەپيەنە ۋايساراۋانا ئىبادەتخانىسىغا بېرىپ،بالىنى بېقىش ئۇسۇلىنى ئېيتىپ بىرىشنى تىلەپتۇ،.بۇ چاغدا مەبۇت ئالدىدىكى يەر ئۇشتۇمتۇت پولتىيىپ چىقىپ،خۇددى ئاياللارنىڭ كۆكسىدەك شەكىلگە كىرىپتۇ بالابۇنى كۆرۈپ ئالدىغا بېرىپ ئىمىپتۇ شۇنىڭ بىلەن بالا بۇ ئەمچەكنى ئىمىپ بارا - بارا چوڭ بوپتۇ.ئۇ ئەقىل پاراسەت ۋە باتۇرلۇقتا ئالدىنقىلاردىن ئېشىپ چۈشۈپتۇ.ئۇ يارنى ئىمىپچوڭ بولغاچقا ،ئۇنىڭ ئىسمى <<كۇستانا>>(يەر ئەمچىكى )دەپ ئاتىلىپتۇ،كىيىن بۇ دۆلەتنىڭ نامىمۇ كۇستانا دەپ ئاتىلىپ،ئاستا ئاستا <<خۇتەن>>گە ئۆزگىرىپ كىتىپتۇ. ----------------------------------------------------------- كۆك ياللىق بۆرە كىتابىدىن ئېلىندى ..! جەمى 3 قىسىم ،ئاخىرى ئەتە چىقىدۇ.! يوللىغۇچى :سەنسىز ئىلان چىكىپ بىز نى قوللاڭ ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت |
|||
| 686 قېتىم كۆرۈلدى | 2010-6-7 10:54:26 | :يوللانغان ۋاقتى | |

سىز بېكىتىمىزنىڭ 





قېتىملىق ئەزىز مېھمىنى