|
خاننىڭ ئوغلى بولمىغانلىقتىن نەسەبى ئۈزلۈپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ۋايساراۋانا تەڭرى دەرگاھىغا بېرىپ ئىبادەت قىپتۇ ئىلاھ ئوبرازىنىڭ پىشاينىسىدىن بىر ئوغلان ئۈنۈپ چىقىپتۇ،ئۇنى مەپىگە سېلىپ ئېلىپ كەپتۇ.دۆلەت خەلىق تەبرىكلەپتۇ.ئوغلان ئەمچەككە كۆنمىگەنلىكتىن يەنە ئىلاھتىن ئۇنىڭغا ئۆمۈر تىلەپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئىلاڭنىڭ ئالدىدىكى يەردىن بىر ئەمچەك ئۈنۈپ چىقىپتۇ بۇ ئىلاھى ئوغۇل ئۇنى ئىمىپ ئەي بوپتۇ،ئەلدە تەڭدىشى يوق،ئەقىللىق،باتۇر بولۇپ يىتىلىپتۇ...
شۇنىڭدىن كىيىن بۇ دۆلەتتە خانىق نەسەبى ئۈزلۈپ قالماپتۇ،بۇ ئەلنىڭ خانىيەردىن ئۈنۈپ چىققان ئۇغۇز سۈتىنى ئىمىپ چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن ،بۇ ئەلنىڭ نامى <<كىھوستان>>دەپ ئاتىلىپتۇ <<كىھو>>دىگەن سۆز ئارىئانلىقلارنىڭ تىلىدا<<ئۇغۇز سۈتى>>دىگەن مەنانى بىلدۈردىكەن.
<<كىھوستان>>بولسا<<ئۇغۇز ماكانى>>دىگەن مەنانى بىلدۈردىكەن،كىيىن جانىق تىلدا<<س>>تاشلىنىپ،<<كىھوتان>>دەپ ئاتالسا ئاستا-ئاستا<< ك>> چۈشۈپ قېلىپ <<ھوتان>>ياكى <<خوتەن دەپ تەلەپپۇز قىلنىپتۇ.شۇنىڭدىن باشلاپ ھازىرغىچە خوتەن دىگەن نام سىڭىپ قالغان ئىكەن.
---------------------------------------------------
كۆك ياللىق بۆرە كىتابىدىن ئېلىندى ..!
جەمى 3 قىسىم ،ئاخىرى ئەتە چىقىدۇ.!
يوللىغۇچى :سەنسىز |