
|
3 قەدىم زاماندا ئۇدۇن دىگەن بۇ جاي دولقۇن-تۇمانلار كەڭ يېيىلغان چەكسىز بىپايان دېڭېز ئىكەن.مۇنەۋەرۈك شىبرۇن مەھدۇم جانابلىرى شىمالىي تەڭرى ھەزرەت بىروشىيما پىچاشتىلىغا شۇنداق دەپتۇ؛<<ھازىر بۇ پايانسىز دېڭېز كىيىن ئادەمزات ئولتۇرۇدىغان جايغا ئايلانغۇسى . ھازىرقى تۇمارگۈل ، نلۇپەر گۈللىرى قويۇق ئۆسكەن جاي كۆپلىگەن بۇتساتۋالار ئورۇنلاشقان ئىبادەتخانىغا ئايلانغۇسى . سىلەر بىرىپ سۇنى پۈتۈنلەي قۇر تىڭلار ، كىيىن ئادەمزات ئولتۇراقلىشالايدىغان بولسۇن . >> شىمالى تەڭرى ھەزىرەت بىلەن شىلليزى ئىككەيلەن قۇرۇم تاغلىرىغا كەپتۇ . كۆمۈش ھاسسىنى ۋە نەيزە ئۇچىنى تۆۋەنگە قارىتىپ ، دىڭىزنىڭ قاپ ئوتتۇرسىغا قاتتىق سانجىغان ئىكەن ، دىڭىز ئاستى تىشىلىپ كىتىپتۇ ، ئۇزاق ئۆتمەي دىڭىز سۈيى ئىقىپ تۈگەپتۇ . شۇنداق قىلىپ ، ئۇدۇن دىن ئىباەت قەدىمىي جاي پەيدا بولۇپ ، ئادەمزات ئولتۇراقلىشىپتۇ . ئۇدۇننىڭ تۇنجى پادىشاھى <<يەر ئەمچىگى شاھى >>دەپ ئاتىلىدىكەن . ىانلىق قۇرلىشىتىن ئىلگىرى ئىككى قەبىلە ئوتتۇرىسىدا قاتتىق جەڭ بولغان ئىكەن . دەل شۇ پەيىتتە شىماللىق تەڭرى ھەزىرەت بىلەن جىران پەرىشتە، تاغلار دىيارىدىن كەلگەن تاغ پەرىشتىللىرى توساتتىن پەيدا بوپتۇ ، ئۇدۇن دىڭىز يىرى بىردەمدىلا مۇنبەت ئىتىزغا ئايلىنىپتۇ ئۇلار ئىككى قەبىلە ئاقساقاللىرىغا سۆزلەپ تەنبىھ بىرىپتۇ ، ئەپ ئۆتىشنى ، ئۇرۇشماسلىقنى تەرغىپ قىپتۇ . ئۇلار ئەگەردە بۇددىغا ئىشەنمىسەڭلا ، داۋاملىق ئۇرشىڭلار ، ئۇدۇن پۇتۇنلاي كۈلگە ئايلىنىپ يىڭى باشتىن دىڭىز بولۇپ كىتىدۇ ، دەپ ئاگاھ لاندۇرۇپتۇ . يەر ئەمچىكى شاھى بىلەن ھەمزە روزى ۋەزىر بەگ ئۇچرىشىپ مەسلسھەت قىپتۇ . ھەر ئىككىسى بۇجاينى ئورتاق باشقۇرىدىغان بوپتۇ . شۇنىڭدىن كىيىن ئۇدۇن قەلئەداش دۆلەت بولۇپ قۇرىلىپتۇ .
------------------------------------------ كۆك ياللىق بۆرە كىتابىدىن ئېلىندى |
|||
| 644 قېتىم كۆرۈلدى | 2010-6-9 9:46:40 | :يوللانغان ۋاقتى | |

سىز بېكىتىمىزنىڭ 





قېتىملىق ئەزىز مېھمىنى