
|
ئوچۇق كۆڭۈل يېنىپ تۇرغان شام. رېئاللىق ھىسياتنى قۇل قىلىدىغان ھۆكۈمران. ئەقىلسىز دوسىت ئاچ قالغان بۆرە،ئۇ پات-پات ساڭا ھۇجۇم قىلىپ تۇردۇ. مەسھۇليەتنى تولۇق ئادا قىلغاندا،ئۆزىڭنى تولىمۇ ئەركىن-ئازادە ھىس قىلىسەن. مۇھەببەت مەغلۇپ بولغان ئوغۇل باىنىڭ ئاغزىداقىزۋاپاسىز،قىز بالىنىڭ ئاغزىدا ئوغۇل ۋىجدانسىز! دوستۇڭدىكى كەمچىللىك سىنىڭ كۆزىڭدە،ئارتۇقچىلىق يۈزىڭدە ئەكىس ئەتسۇن. يوغان گەپنىڭ ئەسلى مەنىسى-قورقىمەن. ئادەمنى ھاڭ تاڭ قالدۇردىغان نەرسە ئۇنىڭدىكى شەكىل ئەمەس بەلكى ئىچكى ماھىيەت. قۇربى يەتمەسلىك ئەسلىدە ئەقلى كەملىكتىن دىرەك بىردۇ. ۋاقىتنى ئەركىن قويۋەتسىڭىز ،ۋاقىت بوينىڭىزغا ئەجەل سىرتمىقى سالىدۇ. ماۋەپىقيەت خۇسۇسى مۈلۈك ئەمەس،لىكىن تەپەككۇرى ئويغاقلارنىڭ خۇسۇسى مۆلىكىدۇر. شەكىلگەئىتىباربەرگەنلىك،مۇۋەپىقيەتنىڭ كۆزىنى تېڭىپ قويغانغاباراۋەر. ئاغزى ئېچىلغان ھاراق پوتۇلكىسىشەيتاننىڭ كۈلكىسى،ھاراقكەشنىڭ ئىڭىرشى،تەڭرىنىڭ سىنىقى. تارىخ بىزدىن ئايرىلغان بوۋىمىز،ھازبىزنىڭ يېقىن دوستىمىز،كەلگۈسى بىزگەقاراپ ئېتىلىپ كىلىۋاتقان چىلبۆرە. چىكەڭدىكى تەر،كاللاڭدىكى تەپەككۇر بىلەنمۇۋەپىقيەت شامىنى يەندۇرسەن. كۆزبىلەن تىلنىڭ پەرقى شۇكى،كۆزقوبۇل قىلىدۇ،تىل سىرىتقا چىقىردۇ. تەۋەككۈلچىلىك يوق يەردە ئەمەلى نەتىنجە يوق. داۋاسىز كىسەل ئىنسان پاجىئەسىنىڭ سايىسى. سىر-جان،سىربەردىڭ،جان بەردىڭ. مىڭە ئادەم بەدىندىكى ئورنى ئەڭ ئىگىزھۈكۈمدار،جاپاسى ئەڭ ئېغىر قۇل. ئۇيقۇ بۇدۇنيادىن ۋاقىتلىق خوشلىشىشتىن ئىبارەت.
----------------------------------- شىنجاڭ مەدەنىيتىدىن ئېلىندى! |
|||
| 419 قېتىم كۆرۈلدى | 2010-6-19 16:28:48 | :يوللانغان ۋاقتى | |

سىز بېكىتىمىزنىڭ 





قېتىملىق ئەزىز مېھمىنى