|
ھاياسىزنىڭ بالىسى يىتىم.
ھەققى يازغۇچى-شائىرلارنىڭ يازغىنى ئەلنىڭ زارى،شۇڭائۇلاردىن ئەلمۇ ھەم رازى.
ئادەم ئۆز مەنپەتى ئالدىدا ۋەدىسىگەخىلاپ ئىشلارنى قىلىپ قويىدۇ.
سەن سەل قارىغان ئىش،بۇرنىڭغا دەل تەگكەن مۇشىت.
ئايال ئۆيدىكى <<تۇغان>>ئايال ئۆيدىن ئايرىلسا ئۆينى <<كەلكۈن>>بېسىۋالىدۇ.
ئوتتۇرا ماكتەپتىىكى مۇھەببەت ھەۋەس،ئالىي مەكتەپتىكى مۇھەببەت شەھۋەت،ھەققى مۇھەببەت-نكاھ.
ئەيشى-ئىشرەت ساڭا يولۇققان بۇلاڭچى،ئەقلىڭنى ئىشلەتمىسەڭ ھەممە نەرسىدىن ئايرىلىپ قالىسە.
ساپ نىيەتلىك كىشلىرمىز زىمىستاندا پارلىغان قۇياشقا ئوخشايدۇ.
ئىككى رىقابەتچى ئىككى تال پاراللىل سىزىققا ئوخشاش ھەرگىز كىسىشمەيدۇ.
كىچىك ئاياغقۇ پۇتنى قىستايدىكەن،تار ئىشتان،تەنگە چاپلىشىپ تۇردىغان كۆڭلەكلەربەدەننى قىستىمامدىغاندۇ؟!
ئۆزى قول سېلىپ قىلمىغان ئىشتىكى خاتالىقنى تۈزۈتۈش تولىمۇ تەس.
ئۆزۈڭنىڭ پەسلىكىڭدىن ئاسمان يىراق،يۇمشاقلىقىڭدىن يەر قاتتىق.
ئاتا-ئانا پەرزەنىتلەرنىڭ كۈلكىسىدىن ياشارسا كۆزيېشىدىن ئېقىپ كىتىدۇ.
ئىقتىسادى ياخشىلاردا كەم بولىۋاتقىنى ئېتقاد،دوسىتلارئاراكەم بولۋاتقىنى ئىھتىيات.
ئانا-پاتماس قوياش،ئاتاغولىماس تۈرۈك.
تۈزەلگەنجەميەت قىزلارئوغۇللارنىڭ ئالدىداگىديىپ ئۆتەلمەيدىغان ۋەزىيەت.
كۆز ھىسياتنىڭ ئىنىكئانىسى.
ھەركەت ئەقىلنىڭ ئىجراچىسى،مۇئاپىقيەتنىڭ ئىشتىراكچىسى،باياشاتچىلىقنىڭ دەسمايىسى.
غايە ئەقىلنى دۇربۇن،پۇتنى تىرەك قىلغانلارغا قاراپ كۈلۈمسىرەيدۇ.
ۋاقىتنىڭ چاقىغا يۆگۈشىۋالغانلارغا بۇ ئالەم تۆت كۈنلۈك،چۇلۋۇرنى تۇتىۋالغالارغا ئۆمۈرلۈك.
نادانلىقنىڭ بالياتقۇسىدا جاپادىن ئىبارەت تۆرەلمە يىتىلىدۇ.
ساددا تىلى بولسا شەھەرلىكلەرمۇ ئېتىزلار بىلەن سىردىشالايدۇ.
دانانىڭ ئالدىدا كور بولساڭ،ناداننىڭ ئالدىدا خورلىنىسەن.
گەرچە يەلكەڭدىكى يۈك ئېغىر بولسىمۇ،كۆزقارچۇقىڭدائۈمۈد ئۇچقۇنى يالقۇنجاپ تۇرسىلا ئانچە ئېغىر بىلىنمەيدۇ.
ئاتا ئۆيدە تاماكا چەكسە بالا سىرىتتا خىروئىن چىكىدۇ،ئاناكوچىدا ھەسرەت چىكىدۇ.
<<يىزىدىكى ئىشەك شەھەرگەكىرسەھاڭرىيالمايدۇ>>ئەپسۇسكى شەھەردىكىسى يىزىغا كەلسە،سەھرانى بېشىغا كىيىدۇ.
سەھرا-خام ماتىرياللار مەنبەسى،شەھەر-پىششىقلاپ ئىشلەش ماشىنسى.
ئىشەنىچسىز،ئېتقادسىزدىكى غالبە-ئىشەككە چىققان مۆڭگۈز.
تىل-سۆزلەيدىغان دىل،دىل سۈكۈتتىكى تىل.
پۇل-مال-سەن ۋاز كەچمەيدىغان لىكىن سەندىن ۋاز كىچىدىغان نازنىن.
تەپەككۈرسىز ئۆتكەن بىر كۈن،سەن يول تاپالماي تىمسىقلاپ يۈرگەن قاراڭغۇ تۈن.
جاپانى تاغدا تارىتسڭ راھەتنى باغدا كۆرىسەن.
نادامەتتە قالماي دىسەڭ،نامەرد لەرنىڭ قولىغا سۇ بەرمە.
----------------------------------------
يوللۇغۇچى:ئەكبەرئەركىن(سەنسىز)
مەنبە: شىنجاڭ مەدەنىيتى ژورنىلىدىن ئېلىندى.!
-------------------------------
ئىلان چىكىپ بىز نى قوللاڭ!
|