بۇزلىۋاتقان ئىجتىمائىي ئەخلاققا نەزەر

 مىللەتنىڭ قەلبىدە مىھىر - مۇھەببەتنىڭ كۆتۈرلۈپ كېتىشى،كىشلىك مۇناسىۋەتنىڭ پۇل بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ بېرىشى بىزنى ئۆزىمىزدىن،تەبىيتىمىزدىن،يىلتىزىمىزدىن،مەدەنىيتىمىزدىن،سەنئىتىمىزدىن ياتلاشتۇرۇپ،مىللى مەدەنىيتىمىزگە بولغان مۇھەببىتىمىزنى ،مەسھۇلىيتىمىزنى سۇسلاشتۇرۇپ،ئەقلىمىزنى غەرىبنىڭ ئەبجەش مەدەنىيتىگەباش ئەگدۈرۈشكە باشلىدى.

مودا قوغلىشىش ئېڭىمز كۈرەشنىڭ ئوت پى؛تىسىغا ئايلانغان بۈگۈنكى كۈندە،<<مەدەنىيەتنىڭ شالغۇتلىششى ئەتراپنى شەھۋەت چاقنىغان ھاياسىز كۆزلەربىلەن تولدۇرۋەتتى>>تۈرلۈك نۇمۇسسىزلىقلار بىزنى ھاياتقا،مەدەنىيەتكەسۈنئى مۇئامىلە قىلىشقامەجبۇر قىلىپ،قان قېنىمىزغا سىڭىپ كەتكەن رايىش مىجەزىمىز تەرپىدىن ئەپۇ قلنىپ ئېتقاد،ئەخلاق،ئۆرۈپ-ئادەتلىرىمىزگە خىرىس قىلىشقا باشلىدى.نەتىجىدە<<ئىجاتچانلىقتىن دورامچىلىققا ئۆتتۇق>>.روھىمىزگە ھۇجۇم قىلغان بۇزۇقچىلىقلارنىڭ تەسىردە ئىرىشكىنىمىز قىسقا يوپكا،ھەرخىل رەڭدىكى چاچبولدى،خالاس.

ئەپسۇس،مىللەتنىڭ ۋەكىلى،كەلگۈسىنىڭ ئىگلىرى بولمىش بەزى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرىزامانىۋى(ئارلاشما)مەدەنىيەتنىڭ يېرىم يالىڭاچ مودا كىيىملىرىگە،غىتمەكلەرچەئوينىلدىغان،شەكلى ئۆزگەرگەن تولغىمائۇسۇل،تانسىلىرغا،جىنسى ئەركىنلىككە چەكتىن ئېشىپ قىزقىشتىن كىلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەت ئۇلارنى پەسكەشلىك يولىغا باشلىماقتا.نەتىجىدە<<ئاياللارئۇيغۇرلارنىڭ مىللى مەدەنىيتىنى،تېنىنىسېتىپ،ئەرلەرجېنىنى،ئەرلىكنى،جىسمانىيەتتىن ھالقىغان روھيىتىنى سېتىپ ياشاۋاتقان خۇنىك ۋەزىيەت شەكىللەندى>>. <<مانتا كۆرمىگەن قەلەندەر قاسقانغا دۈم چۈشۈپتۇ>>دىگەندەك ئوقۇش ۋەباشقاھەرخىل سەۋەپلەربلەن شەھەرگەكىرگەن ئەخلاقلىق بەزى ساددا سەھراقىزلىرىمۇ،شالغۇت مەدەنىيەتنىڭ قوبۇل قىلغۇچىللىرى بولغان دەللاللارنىڭ قىزىقتۇرشى بىلەن ئۆزلىرنى قەپەزدىن چىققان قۇشتە كونتىرول قىلالماي،<<يېڭىلىقنى تىزقوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت ئارتۇقچىلىقلىرنى جارى قىلدۇرۇپ>>ھەش-پەش دىگۈچە يېرى يالىڭاچلىىنىشتا رىكوىت ياراتتى.ئەمما ئۆزلىرىنى مودىل سۈپەت بىزەپ يۈرگەن بۇ نادان-بىچارىلەر شەھەر كوچىلىردىكى نامراتلىق ۋە دەزكىتىۋاتقان ئىجدىمائى ئەخلاقنىڭ قاتىلى ئىكەنلىكىدىن بىخەۋەربىخۇتلارچە ياشاپ كەلمەكتە.كۈرنۈشتە چىرايلىق كىينىپ يۈرگەن بىلەن،رىسقىنى باشقىلاردىن تىلەيدىغان بىر دىۋانىلەرئۆزلىرنىڭ ماددى ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەللەرنى تۈلەشكە قۇللارچە خورلىنىشقائۇچىرايدىغانلىقىنى،روسسونىڭ<<ئالقاندىكى پۇل ئەركىنلىكنى ساقلاشنىڭ قۇرالى،بىزئىزدەۋاتقان پۇل ئۆزىمىزنى قۇلغا ئايلاندۇرۇشنىڭ قۇرالى>>دىگەن ھىكمەتلىك سۆزلىرنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەن بولسا،كۈنسىرى چوڭقۇرلاپ كىتىۋاتقان رۇھى نامراتلىق،ئىدىيسىنى چىرتىۋاتقان پسكىنچىلىقلار ئىچىدىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشقا ھەركەت قىلغان بولاتتى.ئەمما،ھازىرجەمىيەتتە يالىڭاچلىق تېخىمۇ ئەۋىج ئېلىپ،بەدەننىڭ تەڭدىن تولىسنى ئوچۇق قۇيۇپ،بىشەملەرچە ياشاپ كىلىۋاتقان رۇھى نامراتلار تېخىمۇ كۈپەيمەكتە.بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۋېلىشقا بۇلىدۇكى:كىشلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيسى ئۆسكىنى بىلەن ئاڭ سەۋىيسى ئۆسكىنى يوق،پۇل تاپقىنى بىلەن ئەقىل،يول تاپقىنى يوق.....

ئەتراپقا نەزەرسالدىغان بولساقرېستۇران،تانسىخانلارغا تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئېقىۋاتقان بىر ئۇچۇم سەركىلەرنى كۆرىمىز.ئۇيەرلەردە قىز-ئوغۇل دىمەي ئايلىنۋاتقان نۇمۇسسىز رۇمكىلار،بۇلۇڭ پۇچقاقلاردا قىزلارنىڭ نازلىق ئىڭراشلىرى،دادىسىز تۇغۇلغان بۇۋاقلارنىڭ ھەسرەتلىك يىغا-زارلىرى،جەسەتلىرى بىزنى خاراپلاشتۇرۇشقا باشلىدى.پاكلىق بىزدىن يىراقلاپ كەتمەكتە.بىزئۇلاردىن زىرىكتۇقمۇ ياكى ئۇلاربىزدىن زىرىكتىمۇ؟...!

روھى ئىزتىراپلىق ئىچىدە بىز ئىنتىلىۋاتقان غەرىپلىشىش،راھەت-پاراغەتكەبىرلىش،پۇلپەرەسلىك،ئىشقىۋازلىق <<ئەرلەر گۈزەللەر ئاياللار ئارسىدا تۇرۇپ پاۋا تەشۋىشىدە،ئاياللار قاۋۇل ئەرلەر ئارسىدا تۇرۇپ باياۋان چاڭقاقلىقىدا>>ئېچىرقاشتەك رىئاللىققا دۇچار قىلدى.

ئىقتىسادنىڭ يەر شارلىششى ۋە ئەخلاقنىڭ بۇزۇلىشى ئۇمۇمى يۈزلۈك ھادىسىگە ئايلىنۋاتقان21-ئەسىردە،ئابدۈشكۈرمۇھەممەتئىمىن ئېيىتقاندەك:<<ئىمان،ئىتقادلىق،غورۇ-ۋىجدانلىق ئەركەكلىرىمىز ۋە ئىپپەت-نۇمۇسنى جېنىدىن ئەزىزكۆردىغان قىزئاياللىرمىز ئىچىدىن بىر قىسىم قەھرىمانلىرىمىز چىقىپ بۇزۇقچىلىققا،جىنسى چىرىكلىككە قارشى جەڭ ئىلان قىلالىسا>>خوتۇن -قىزلىرمىزنىڭ ئىستىقبالىدىن قايغۇرۇش ھاجەتسىز،ئىتقاد،مىللى ئالاھىدلىك ،ئۆرۈپ-ئادەت،مىللى خاراكتىرنىڭ چىرىكلىششىنى كونتىرول قىلىش ئانچە قىيىنغا چۈشمىگەن بولاتتى.

تەپەككۇرقاششاقلىقى ۋە ئارلاشما مەدەنىيەتنىڭ ئېڭىمىزغا مۆسۈپ كىرشى بىلەن قىز -يىگتلەرئوتتۇرسىدىكى ھۆرمەت،مۇناسىۋەت،يىرىكلىشىپ،ئېغزىمىزدىن كەيىب-ساپا،ئەيىش-ئىشرەت،دىن باشقا سۆز چىقمايدىغان،ھەتتا ئاتا -ئانىلاردىنمۇ ئەيمىنمەيدىغان،ئۇلارنىڭ ئالدىدا كالتا ئىشتان،ئۇخلاش كىيمى بىلەن بىمالال يۈرىۋىردىغان قىلىۋەتتى.بۇنى مەدەنىيلىشىشنىڭ يۇقىرى پەللىسى دىيىش كىرەكمۇ ياكى چىكىدىن ئاشقان نادانلىق دىيىش كىرەكمۇ؟!

كىشلەرنىڭ مەنىۋى دۇنياسى ئىتقاد ۋە پەلسەپىگە ئېچىرقىغان بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئوغۇل-قىزلىرى دۇنيادى مۇدا كىيىم شەھۋانى كۆڭۈل ئېچىش ھەققىدىكى ئەرزىمەس پاراڭلار ۋەشىرىن خىياللار بىلەن ئۆزلىرنى ئالداپ،شەھۋەت قاپلىغان رىئانلىقنىڭ ئۆزلىرىگە بىرىلدىغان ھوزۇر ھالاۋىتى توغرىسىدىكى ئىپلاس پاراڭلارنى سالىدىغان بولدى.

پۇل گەرچە جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا،ئائىلنىڭ گۈنلىنىشىگە تەسىر كۆرسەتسىمۇ،ئۇ پۇل ئۈچۈنلا ياشايدىغانلارنى قايمۇقتۇردۇ،ھەم ئۇنداق ئادەملەرنى ئاسسانلا ئۆزىنىڭ قۇلىغا ئايلاندۇردۇ.شۇڭاپۇل باي-كەمبەغەللىكنى ئۆلچەيدىغان بىردىن بىر مىزان ئەمەس چۈنكى  ئۇ بۈگۈن سىنىڭ قولۇڭدا بولسا ئەتە مىنىڭ ياكى ئۇنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ.ئەمما،مەنىۋى بايلىق (بىلىم)باشقىلاركۈچ ئىشىلتىپمۇ ھىلىم -ھىكىر ئىشىلتىپمۇ تارتىۋالالمايدىغان ئۆزىمىزگە خاس مۇكەممەل بايلىق.پەن-تېخنىكا تەرەققى قىلىپ يەر شارى كىچىككىنە بىر مەھەللىچىلىك بولۇپ قالغان بۈگۈنكى كۈندە غەرىپنىڭ ھەر خىل مەدەنىيەتلىرنى قوبۇل قىلىشتا قارىغۇلارچە چوقۇنۇشقا بولمايدۇ.قارۇغۇلارچە چوقۇنۇش مىللەتنى ھالاكەت گىردابىغا ئېلىپ بارىدۇ.بىزنەزىرمىزنى رىئاللىققا ئاغدۇردىغان بولساق زەھەرلىك چىكىملىكنىڭ تۇترۇقىغا ئايلىنىپ بىئەجەل ئۆلۈپ كەتكەن نۇرغۇن ياشلىرمىزنى بىر قېتىملىق خۇمارى ئۈچۈن ئۆزىنى تۇغۇپ قاتارغا قوشقان ئانىسىنى،جان-جىگەرسىڭلىسى،سۈيۈملۈك ئايالىنى باشقىلارنىڭ كۆڭۈل خوشى ئۈچۈن تۇتۇپ بىرۋاتقان<<يىگىلىرمىز>>نى ئاچا- سىڭىللىرنى ئۆزىنى خورلاۋاتقان قىزلارنى كۆرەلەيمىز.ئەلۋەتتە بۇلارمۇ پۇل ئۈچۈن بەدەل نادانلىقىمىزدىن ئۆتكۈزگەن خاتالىق باي بولۇش ئۈچۈن قىلغان قۇربانلىق...

مەنىۋى نامراتلىق تۈپەيلىدىن ئۆزلىكنىڭ سۇسلىششى ،ئىتقادنىڭ ياتلىششى ئۇيغۇردىن ئىبارەت بۇ مىللەتنىڭ رۇھىغا تىز تەسىر قىلىپ،ئاياللار گۈزەللىكىنى يالىڭاچلىقتا ئىپادىلەريدىغان رىئانلىقنى كۆرەلمەيۋاتىمىز.

بىز مەدىنيەت يىتەكچىسى دەپ چوقۇنۇپ كىلۋاتقان غەرىپلىكلەرگە قارايدىغان بولساق ئۇلارنىڭ ماددى پاراغەت ئاستىدىكى مەئىشەتلىك تۇرمىشىدىن .ئۇلارنىڭ تەنھالىقىنى غېرىپلىقىنى كۆرەلەيمىز ھەم ئۇلاررنىڭ بۇنداق تۇرمۇشتىن بىزار بولىۋاتقانلىقىنى بىلەلەيمىز.ئىمىرسۇن ئېيىتقاندەك:<<تەرەققىياتنىڭ ھەققى بەلگىسى بايلىق ئەمەس،بەلكى ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋىقىياپىتىنىڭ يۈكسىلشىدە>>.

مەنىۋى نامراتلىق تۈپەيلىدىن بىز سېتىۋاتىمىز،سېتىلۋاتىمىز قېنى بىزگەمۇھەببەتنى جېنىدىن ئەزىز كۆردىغان ۋىجدانلىق ئەركەكلىرمىز جاسارەتلىك غورۇرلۇق قىزلىرمىز؟!روھى جەھەتتىكى چۈشكۈنلۈك،جىسمانى جەھەتتىكى زىئىبلىك تۈپەيلىدىن بىز 21-ئەسىدىكى ئېچىنىشلىق قىسمەتنىڭ تاللىغۇچىسى بولۇپ قالساق بولمايدۇ!ئەنئەنىگە قايتىشتەك رىئانلىق بىزنى چاڭقىتىۋاتىدۇ.

تۈگەلمە:كەلگۈسىنىڭ ئۆمۈدى مىللەتنىڭ ئانىسى بولمىش خانىم- قىزلار،ماددىي مەئىشەتنىڭ ئازدۇرشى كۆڭۈلنىڭ بىر دەملىك خۇشاللىقىنى ئۆزۈڭلارنى نابۇت قىلماڭلار .بۈگۈننى ياشاپ بولدۇڭلار ئەمدى ئەتىنىڭ سىگىنالىغا قۇلاق سېلىڭلار.كەلگۈسىدە سىلەرنى كۈتۈپ تۇرغان ئاياللىق بۇرۇچ،ئانىلىق مەسھۇلىيەتنى ئويلاڭلار،بىر كىچىلىك خوتۇن ئەمەس،ئۆمۈرلۈك ۋاپادار ئايال،ئەخلاقلىق ئانا بولۇشنى ئويلاڭلار.

ئاخىرقى ياشاش كۆز قارشىڭلار بۈگۈن ئويناپ كۈلگۈلۈك،ئەتە نۇمۇستىن ئۆلگۈلۈك بولۇپ قالمىسۇن.

--------------------------------------------------

 

ئاپتۇرى:ئىمىنتوختى توختى باقى

قەشقەر ئەدەبىياتى ژورنىلىدىن ئېلىندى.!

يوللىغۇچى:ئەكبەرئەركىن(سەنسىز)

 

------------------------------------

 ئىلان چىكىپ بىزنى قوللاڭ..!

kobullax
822 قېتىم كۆرۈلدى 2010-6-21 18:15:55  :يوللانغان ۋاقتى