
|
قارىماققا قۇرت بىلەن تاماكىنى سېلىشتۇرغىلى بولمىغان بىلەن،ئەمەليەتتە ئىنچىكە كۈزەتسەك،قۇرت كچىك ھەم يۇمشاق بوغىنى بىلەن ئۆزىدىن نەچچە يۈز ھەسسە يوغان ھەم قاتتىق ياغاچنى ئىچىدىن يەپ تۈگەشتۈرىدۇ؛تاماكا ھەر بىر شورالغاندا ئۆزى كۆيۈپ تۈگەش بىلەن بىرگە تەبىئەتنىڭ خوجىسى بولغان ئىنساننىمۇ ئاستا-ئاستا تۈگەشتۈردىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى ھىس قىلىپ يىتىمىز. مەدەنىيەتتىكى شالغۇتلۇق ئەنئەنىنىڭ ئۇيقۇ دورىسى بولسا،ئەنئەنىدىكى خۇراپاتلىق ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ گۆركارىدۇر. كىچىك بالا نىمە ئۈچۈن شۇنچە سۆيۈملۈك،چۈنكى ئۇ ئۆزى خالىغاننى قىلىدۇ.! راسىت سۆز باشقىلارنى ئۆزۈڭگە ئىشەندۈرۈشنىڭ تۇنجى قەدىمى. ھەقىقى رىقابەت پەقەت دۇرۇس ئىشلاردىلا مەۋجۈتتۇر. ئاتا-ئاناڭنى ئالدىغىنىڭ-ئەتە ئۆزۈڭنى ئالدىغىنىڭ. ئاياللار قاتار چايلاردا،ئەرلەر مىھمان سارايلاردا،بالىلار ئاغرىقجان مۇماي-بوۋايلاردا..... يېشىمىزنى قانچە يۇشۇرغانسىرى، يىللار بىزگە شۇنچە ئېغىر يۈكنى يۈكلەيدۇ. بىر نەرسىدىن قاتتىق سەسكەنمە،ئۇ سىنى تەلتۆكۈس ۋەيران قىلۋىتىشى مۇمكىن. بىر نەرسىگە قاتتىق ھەيران قالما،ھامان بىر كۈن كىشلەر ساڭىمۇ ھەيران قالىدۇ. ھەزەر قىل ! ئەڭ قەدىرلەپ ساقلىغان نەرسەڭ ،ئەڭ نەپرەتلەنگەن ئادىمىڭ قولىدا بەربات بولمىسۇن. ئۇنىڭدىن ئۇ،بۇنىڭدىن بۇ ياخشى ئەمس....ھەممىسىدە ئۆزۈڭگە تۇشلۇق يۇچۇق بار...! ئازغۇنلۇق ئىدىيدە شەكىللەنگەندە كىشى رەزىللىشىدۇ،ھەركەتتە ئىپادىلەنگەندە قەبىھلىشىدۇ. ئۆز قىممىتىنى يوقاتقان باتۇرلۇق قەھرىمانلىق ھىساپلانمايدۇ. پەرزەنتىگە مەسئۇليەتچانلىقى كۈچلۈك ئائىلىنىڭ ئاساسى قۇرام تاشتەك مۇستەھكەم بولىدۇ. ئىنساپلىق سودىگەر يېرىم ساخاۋەتچى،ئىنساپسىز سودىگەر يېرىم بۇلاڭچى. ئەڭ ئاۋال پىشىشقا باشلىغان مىۋەتولۇق پىشمايلا ئۈزۈلىدۇ. مۇھەببەتتىكى ئالدىراڭغۇلۇق-مەڭگۈلۈك ئازابنىڭ مۇقەددىمسى. مۇشايمان ھاياتنى تونۇتقىچى تۇنجى ئوقۇتقۇچى. مۇسىبەت ئۆز قىممىتىنى يوقاتقان قوۋمدا تويلار ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۆلۈم -ھاياتلىقنىڭ چەكلىكلىكىنى،توي -ھاياتىنىڭ سۆيۈملۈكلىكىنى تونۇتىدۇ. قەھرىمان كەينىدىن تىغ يەپ قۇربان بولىدۇ،خائىن دوستى تەرپىدىن زەھەر يەپ ئۆلىدۇ. ئارمىنىغا يىتەلمەي قۇربان بولغان قەھرىماننىڭ تراگىدىيسىدەك ئېچىنىشلىق تىراگېديە يوق. ئېيتىلمىغان غەزەپ ئېتىلمىغان ئوق. مۇھەببەت بىلەن غەزەپ روھنى تاۋلىغۇچى پېچ. ئۆلگەنلەرنىڭ روھى ئۇ ئالەمدىلا،قۇربان بولغانلارنىڭ رۇھى ھەر ئىككىلا ئالەمدە بولىدۇ. ---------------------------------------- يوللۇغۇچى:ئەكبەرئەركىن(سەنسىز) مەنبە: شىنجاڭ مەدەنىيتى ژورنىلىدىن ئېلىندى.! ------------------------------- ئىلان چىكىپ بىز نى قوللاڭ!
|
|||
| 663 قېتىم كۆرۈلدى | 2010-6-22 13:49:12 | :يوللانغان ۋاقتى | |

سىز بېكىتىمىزنىڭ 





قېتىملىق ئەزىز مېھمىنى