
|
كىتابخۇمارقوۋۇمنى ئۇيۇشتۇرماق ئاسان،ئەممادۇنياپەرەس قوۋۇمنى ئويۇشتۇرماق قىيىن. ئىنساننىڭ شەخسىيەتچىلىكى تۈپەيلىدىن زېمىندا ھەرخىل دىن،مىللەت،تىرتورىيە شەكىللەنگەن.ماناشۇنىڭدىن باشلاپ ئىنسان خاتىرجەم تۇرمۇشتىن بىراقلا يىراقلاشقان. خەتەرگەيولۇققان چېغىڭدا شەپقەتچىڭنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىپ يىتىسەن. تويۇڭدا كەلمىگەن دوستۇڭدىن رەنجىمەي،ئاغرىقىڭدا يوقلىمىغان دوستىڭدىن رەنجى. سەھەردەيىغلىغان دەرىتمەن كىلور،سەھەردەيىقىلغان پالاكەت كىلور، خائىن دىيىش توغرا كەلسە مۇھەببەت نەپرىتى ئېنىق بولمىغان كىشىنى دېيىش كىرەك. قانداق چاغدايىغلاش بىلەن كۈلۈشنى بىلەلمىگەن كىشى ئۆز قەدىر -قىممىتىنى دائىم يوقۇتۇپ قۇيىدۇ. ئۆزجۈپتى ھالالغا گۇمانخورلۇق قىلىش،مۇھەببەت يىلتىزىنىڭ چىرىگەنلىكىدىن دىرەك بىرىدۇ. ئۇرۇش بىر يۈرەكنىڭ دەردىنى يىنىكلەتكەن بىلەن،مىليۇن يۈرەكتە قىساس ئوتى يالقۇنلىتىدۇ. تىنىچلىق -رەزىل يۈرەككە ئۇرۇلغان خەنجەر،مىھىربان يبرەككەبىرىلگەن كەۋسەر. يامانلىق ھەر ئىككى تەرەپكە ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدىغان كەلگۈسىدكى پاجىئە؛ياخشىلىق ھەرئىككى تەرەپنى سۈيۈندۈردىغان ئىسىل خىسلەت. ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى ئۆزئىرى ئۈچۈن ھەم خۇشھاللىق،ھەم ئەندىشە. كۆزى ئۆتكۈركۆزنۇرى يەتكەنلا يەرنى كۆرەلەيدۇ،كاللىسى ئۆتكۈر پۈتكۈل جاھاننى ۋە پۈتكۈل رۇھىيەتنى كۆرەلەيدۇ.. شىرىن سۆزلەرگەئالدىنىش ئاياللارغا نىسبەتەن ئىپپىتىنى،ئەرلەرگەنىسبەتەن غورۇرىنى يوقىتىشقا ئېلىپ بارىدۇ. مۇھەببەت ئازار يىگەندە ئاۋال يۈرەك،ئاندىن كۆزياش تۆكىدۇ. زۇلۇمنىڭ سەۋەبى زۇلۇم قىلغۇچىدىن ئەمەس،زۇلۇم قىلىنغۇچىدىن ئىزدەش ئەڭ ئاقىلانە ئىزدەش ھىساپلىنىدۇ. گۈزەللىك ئارقىلىق تەڭرىنى ئىسىگە ئالالمىغان ئىنسان،رەزىللىك ھەم ئادالەتسىزلىككە ئۇچىرغاندا ئىسىگە ئالىدۇ. دۇنيا تارىخىدىن مەلۇمكى،<<سەتەڭلەرھىلىسى>>نى ئىشلىتىش،ئۇرشۇپ يىڭەلمەيدىغانلارنىڭ قىز ئاياللىرنى بىرىپ يىڭدىغان سولامچىلىق تاكتىكىسىدۇر. قان تۆكۈلگەن يەر مۇنبەت يەر،ياش تۆكۈلگەن يەر شورلۇق يەر. ئەندىشە ئىچىدە يۈرۈش ھامان مەغلۇپ بولدىغانلىقنىڭ ئىپادىسى. دۈشمىنىڭنىڭ سانىغا ئەمەس كۈچىگە زەرەر سال. ئاجىزلار خىيالغا كۈچلۈكلەر رىئانلىققا ئامراق. ئەۋلادىڭنىڭ تەقدىردىن ئەنسىرگىچە ئەخلاقىدىن ئەنسىرگىن. يەتكىلى بولمايدىغان داۋان يوق،ئەمما ئۆتكىلى بولمايدىغان داۋان بار. تىلىمىز ئوخشىغىنى بىلەن دىلىمىز ئوخشىمىسا بىز يەنىلا ئىككى قۇتۇپتىكىلەر. بىپەرۋالىق شەخسىگە زىيان سالغىنى بىلەن كۆپچىلىككە قىيامەت ئېلىپ كىلىدۇ. تىرىشچان ئەرنىڭ قورقىدىغىنى رازى بولمايدىغان ئايال.
يوللۇغۇچى:ئەكبەرئەركىن(سەنسىز) مەنبە: شىنجاڭ مەدەنىيتى ژورنىلىدىن ئېلىندى.! ------------------------------- ئىلان چىكىپ بىز نى قوللاڭ! |
|||
| 474 قېتىم كۆرۈلدى | 2010-6-23 16:28:16 | :يوللانغان ۋاقتى | |

سىز بېكىتىمىزنىڭ 





قېتىملىق ئەزىز مېھمىنى