تەپەككۇردىن جەۋھەرلەر

رۇھىنى ئۇنتىغان ئىنسان ماددىنىڭ قۇلى بولىدۇ.

يوقسىزنىڭ قولىدا بىر نەرسە كۆرسە:نەدىن ئالدىڭ؟!باينىڭ قولىدا بىر نەربىرنەرسەكۆرسە:نەچچىگەئالدىڭ؟!

دۈشمىنىڭدىن رەنجىشىڭ غەزىپىڭنى كۈچەيتىپ،ئىرادەڭنى تاۋلايدۇ؛دوستۇڭدىن رەنجىشىڭ ھەسرىتىڭنى كۈچەيتىپ،يۈرىكىڭنى داغلايدۇ.

ھەقىقەتنىڭ دۈشمىنى بولساڭ،سەپسەتىنىڭ قۇلى بولىسەن.

بىرخاپىلىق بىلەن مىڭ ياخشىلىق ئۇنتۇلىدۇ،مىڭ ياخشىلىق بىلەن بىر خاپىلىق ئۇنتۇلمايدۇ.

دانىشمەن،ناداننىڭ ساۋقىنى ئەڭ كۆپ ئىسىدە ساقلىغان كىشى.

ھەقىقەتنى چۈشۈنۈپ يەتكىنىڭدە،ئاللىقاچان سەپسەتەئىچىدەياشاۋاتقانلىقىڭنى ھىس قىلىسەن.

ھەقىقەت ئۆزىنى تونىيدىغانلارغا ئامراق،سەپسەتە ئۆزىنى تونىيدىغانلارغا ئۆچ.

سەپسەتە ئەمەليەتتە شەرمەندە بولغان،ئەمما ئۆزىگە پەرەنجە ئارتىۋالغان <<تەقۋادارئايال>>.

چىشىنى چىشلەپ تۇرۇپ ئېغىزىغا كىلىپ بولغان گەپنى يۈتۈۋەتكەن كىشىدىكى غەزەپ ئەڭ دەششەتلىك بولىدۇ.

ئەقىللىق كىشىگە ئۆلۈمدىن ئارتۇق نەسىيەت يوق.

دۈشمەن يىراقتا ئەمەس ئۇ يېنىڭدىدۇر-ئۇبولسىمۇنەپىسىڭدۇر.

كۆزۈڭگە تەلمۈرگەندىن ئەمەس ،قولۇڭغا تەلمۈرگەندىن ئىھتىيات قىل.

نىكاھسىز شىرىن لەززەت نىكاھلىق تۇرمۇشنىڭ پىلتىسىگە يېقىلغان ئوت.

--------------------------------

نىمىلىكىنى بىلىپ نىمە ئۈچۈنلىكىنى بىلمىگەن كىشى ھەققى كۆچۈرمىچى.

باشقىلارغا قانچە تىز ئىشەنسەڭ،شۇنچە تىز ئىشەنچىدىن قالىسىەن.

جەلىپ قىلىش بەشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرۇشتىكى ئارتۇقچىلىق.

جاپانىڭ كۆپى راھەت،سۆزنىڭ كۆپى جاراھەت.

ساختا مۇھەببەت بىر سەھنىگە ئوخشايدۇ،چۈنكى سەھنىدە ئارتىسىت نۇمۇر كۆرسىتىپ بولۇپلا چۈشۈپ كىتىدۇ.

 ----------------------------

يوللۇغۇچى:ئەكبەرئەركىن(سەنسىز)

مەنبە: شىنجاڭ مەدەنىيتى ژورنىلىدىن ئېلىندى.!

-------------------------------

ئىلان چىكىپ بىز نى قوللاڭ!

482 قېتىم كۆرۈلدى 2010-6-25 9:44:43  :يوللانغان ۋاقتى